دۈشەنبە كۈنى «ئىسلام خەلىپىلىكى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ رەھبىرى باغدادىنىڭ «ئىسلام خەلىپىلىكى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىغا توپ-توغرا بىر يىل بولغانلىقى مەلۇم.

نۆۋەتتە ئىسلام خەلىپىلىكى تېررىتورىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن ئىراقنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەربىي كۈچلىرى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئىراقتىكى سىياسىي كرىزىستىن پايدىلىنىپ سۈرىيە ۋە ئىراق تەۋەسىدىكى بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشغال قىلغان.

سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ۋەزىيەت ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زورىيىشى بىلەن ئىنتايىن مۇرەككەپ ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. سۈرىيەدە ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ 200 مىڭدىن ئاشقانلىقى، بىرقانچە مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئارمىيىسى ھازىرغىچە بولغان 10 ئاي داۋامىدا ئىراق ۋە سۈرىيە تەۋەسىدىكى ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىگە جەمئىي 4800 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت