خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر تۈركۈم ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.22


رادىئومىزنىڭ ئېگىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر تۈركۈم ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم.

دائىرىلەر ئىلگىرى خوتەندە بىر قىسىم ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلىگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك چەكلەش پۈتۈن رايون مىقياسىدا يولغا قويۇلغان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر نوپۇس باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ساقچى خادىمى بۇ قېتىم چەكلەنگەن ئىسىملار ئىچىدە «ئىسلام»، «قۇرئان»، «جىھاد»، «مەككە»، «ئىمام»،«سادام»، «ھاجى» ۋە «مەنىدە» دېگەن ئىسىملارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇ يەنە، بۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇر مىزانى» بويىچە چەكلەنگەنلىكى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:«قويۇق دىنىي پۇراقتىكى ئىسىملارنى قويالمايسىز. مەسىلەن ‹جىھاد› دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى.»

ئۇ يەنە، دائىرىلەرنىڭ نوپۇس بۆلۈمىدىكى خادىملارنى بۇ ھەقتە تەربىيىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2015-يىلى خوتەننىڭ توخۇلا كەنتى تارقاتقان چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكىگە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بىر قىسىم ئىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سەيپىدىن»، «پەخىردىن»، «ئەرەفات» «نەسرۇللا»، «مۇسلىمە»، «مۇخلىسە»، «مۇنىسە»، «خەدىچە» قاتارلىق 22 خىل ئىسىم كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا باشلىغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» دىمۇ «ئىسىم تاللاش ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىكىنى تەرغىب قىلىش چەكلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.