ئىستانبۇلدىكى رېينو رېستورانىنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشقان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.01.04

بۈگۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدىكى رېينو رېستورانىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىنىڭ كىملىكىنىڭ ئايدىڭلىشىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ئاشكارىلىمىغان.

مەزكۇر تېررورلۇق ۋەقەسى يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئاپتوماتلىق بىر تېررورچى كەچلىك كۇلۇبقا بېسىپ كىرىپ كۇلۇبتىكىلەرنى قارا-قويۇق ئوققا تۇتقان. يەتتە مىنۇتچە بىرقانچە قېتىم ئوقدان ئالماشتۇرغان تېررورچى، قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قورالىنى تاشلاپ ۋە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، كۇلۇبتىن قاچقان. ۋەقەدە 12 سى تۈرك، قالغانلىرى چەتئەللىك بولغان 39 كىشى ئۆلگەن، 65 كىشى يارىلانغان. 4 كۈندىن بېرى تۈركىيە ساقچىلىرى مەزكۇر تېررورچىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارماقتا.

ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەردە تېررورچىنىڭ كىملىكى بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ مەرگەنلىكى، تەمكىنلىكى، تەجرىبىلىكلىكى ۋە تەبىئىتىدىكى ۋەھشىيلىكى دىققەت مەركىزى بولماقتا. ھازىرغىچە بېرىلگەن تۈركىيە خەۋەرلىرىدە تېررورچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ قىرغىز، ئۆزبېك ياكى ئۇيغۇر بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ساباھ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيە ساقچىلىرى تېررورچىنىڭ كىملىكىنى دەسلەپكى كۈنىلا جەزملەشتۈرۈپ بولغان، ئەمما تېررورچى تېخى تۇتۇلمىغان بولغاچقا ئاشكارىلاشنى توغرا كۆرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.