رېينا كۇلۇبى قاتىلى ئۆز ئىشلىرىنى ئىقرار قىلغان
2017.01.18
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ت ر ت ئاۋازى رادىيوسى ۋە باشقىلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىستانبۇلدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلىپ 39 كىشىنى ئۆلتۈرگەن تېررورچى 16-يانۋار كۈنى قولغا چۈشۈش جەريانىدا ساقچىلارغا «مېنى ئۆلتۈرمەڭلار!» دەپ يالۋۇرغان.
خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئابدۇقادىر ماشارىپوف ئىسىملىك مەزكۇر قاتىل ئۆز جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ساقچىلارغا ھۇجۇمنى قانداق پىلانلىغانلىقى ھەم ۋەقەدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئىران ئارقىلىق سۈرىيەگە بارغانلىقى ۋە باشقىلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئالدى بىلەن ئىستانبۇل مەركىزىدىكى تاكسىمدا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن پىلانىنى ئۆزگەرتكەن ئىكەن.
رېينا كۇلۇبى ھۇجۇمچىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سەزگۈر مۇئامىلە قىلغان ئىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رېينا ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆزبېكىستانلىق ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرەپ بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلغان. ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە تەرەپ بۇ مەسىلىدە رەسمىي بىر مەلۇمات سوراپ مۇراجىئەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئىستىخبارات ئورگىنى تۇتۇلغان تېررورچىغا ئائىت ئەھۋاللارنى تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇقادىر ماشارىپوف ئۆزبېكىستاننىڭ قوقان شەھىرىلىك بولۇپ، 6 يىل ئىلگىرى ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئىكەن.
«ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ يېزىشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا پەيدا بولغان ئابدۇقادىر ماشارىپوف بىلەن بىرگە قىرغىزىستان پۇقراسىنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرنى ئىنكار قىلغان. ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىنمۇ تۇتۇلغانلار ئىچىدە قىرغىزىستان پۇقراسى بارلىقىغا ئائىت پەيدا بولغان خەۋەرنىڭ ناتوغرىلىقىنى كۆرسەتكەن.