خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭ بىر سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى 15‏-دېكابىر جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭ بىر ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تەرەپ خىتايدىن سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جەف دەيۋىس جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا ئۇچۇر بېرىپ، مەزكۇر ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قانۇنلۇق ھەربىي ئۆلچەم مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «بۇ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر ئەسۋاب، ئۇنىڭدا ئىنگلىزچە قىلىپ، بۇ ئامېرىكا دۆلەت مۈلكى، ئۇنى سۇ يۈزىگە چىقىرىشقا بولمايدۇ دەپ يېزىلغان» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ «باۋدىچ» ناملىق دېڭىز تەكشۈرۈش پاراخوتى مەزكۇر ئەسۋابنى سۈزۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن. ئامېرىكا تەرەپ، ۋەقە فىلىپپىننىڭ سۇبىك قولتۇقىنىڭ 80 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ASR 510 تىپلىق بىر پاراخوتى ئامېرىكىنىڭ «باۋدىچ» ناملىق پاراخوتىغا يېقىنلىشىپ، ئاندىن كىچىك تىپلىق بىر پاراخوت بىلەن سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تۇتۇۋالغان. «باۋدىچ» ناملىق پاراخوت سىمسىز ئاپپارات ئارقىلىق خىتاي پاراخوتى بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ پەرۋا قىلمىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جەف دەيۋىس، «بۇ، بىز تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان كەسپىي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى ئەمەس» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.