جو بايدىن سايلام ئەترىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاكسيوس تاراتقۇسىنىڭ 25-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، جو بايدىن سايلام ئەترىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتىلىق ئورنى ئۈچۈن سايلام پائالىيىتى قىلىۋاتقان جو بايدىننىڭ سايلام ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى ئاندىرىۋ بېتىس (Andrew Bates) «سىياسەت» گېزىتىگە بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي دىكتاتورىنىڭ قولىدا ئۇچراۋاتقان تەرىپلىگۈسىز باستۇرۇشلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. جو بايدىن بۇ باستۇرۇشنى ئەڭ كۈچلۈك سۆز (يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن ئاتالغۇ) بىلەن ئاتاپ، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ جو بايدىنغا ئوخشاش ئىش قىلىپ، ئۇ قىلمىشنى ئېنىق ئاتىسا بولمامدۇ؟». بۇ گېزىتتە يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارا قانۇندا ئېغىر جىنايەت بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىگە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلارنى توپلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتەلەيدىكەن.

خەۋەردە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ كەلدى. ئەمما مۇخبىرلار، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە لاگېر شاھىتلىرى بەرگەن مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن كەڭ-كۆلەملىك باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەممە يەردە كۆزىتىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مېڭە يۇيۇش، قىيناش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى مۇتەخەسسىسلەر نوپۇس قىرغىنچىلىقى دەپ سۈپەتلىگەنىدى» دېيىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇ مەسىلە دەسلەپكى ئويلىنىش باسقۇچىدا ئىكەن. خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ئەگەر خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ رەسمىي ئەيبلىسە، خىتاينى قاتتىق غەزەبلەندۈرىدىكەن؛ شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكانى خىتايغا قارشى تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت