27-دېكابىر كۈنى خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تورىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ گاڭنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 30-دېكابىر كۈنى يەنە سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى لى زۇڭشىنىڭ خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭجىڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 30-دېكابىردىكى سانىدا، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭ بىلەن يېقىن ئالاقىسى بولغان يەنە ئىككى نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ جازالانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ گېزىتى»نىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، ئەمدى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
2013-يىلى 9-ئايدىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ جۇ يۈڭكاڭنىڭ يېقىنلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان شۇنداقلا جۇ يۈڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە جەمەتىنىڭ خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، بەزىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.