«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 10-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ گۆش كالىسى گۇرۇھى بولۇشىغا ياردەم قىلماقچى بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خۇالىڭ گۇرۇھى ئەسلىدە ئۇيغۇر رايونىدا 30 يىللىق تارىخقا ئىگە چوڭ شىركەت بولۇپ، سودا بازىرى ئېچىش، تاشقى سودا، يۈك توشۇش، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن؛ نۆۋەتتە بولسا چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا يۈزلىنىپ، ئىلى، ئالتاي، چۆچەك، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا زور كۆلەمدىكى كالا فېرمىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، 60 مىڭ كالا باقىدىكەن، بۇنىڭغا سالىدىغان مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 11-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى خۇالىڭ گۇرۇھىغا ياردەم بەرگەندىن باشقا، شىنجاڭ بانكىسىمۇ بۇ شىركەتكە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، 1 مىليارد يۈەن قەرز بەرمەكچى بولغان.
كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ زور كۆلەملىك گۆش كالىسى فېرمىسى قۇرۇشى خىتايدىكى ھوقۇق-مەنپەئەت گۇرۇھىنىڭ بۇ رايوننىڭ بايلىقى ۋە سودىسىنى مونۇپۇل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان ئۇيغۇر رايونىدا خۇالىڭ گۇرۇھىدەك چوڭ شىركەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشنىمۇ ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئالدىنقى ئايلاردا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، باي نەھىيەسى، ئاقسۇ كوناشەسەر ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى قاتارلىق ئۇيغۇرلار نۇقتىلىق ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم جايلاردا زور كۆلەملىك چوشقا باقمىچىلىقى فېرمىلىرىنى قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ باقمىچىلىق نۇقتىلىرى باي ناھىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ باقمىچىلىق تۈرىدە چوشقا باقمىچىلىقىنىڭمۇ بارلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.