4-فېۋرال كانادادىكى بىر قانچە شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

4-فېۋرال كۈنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار كانادانىڭ تورونتو، ئوتتاۋا، ۋانكوۋېر، كالگارى قاتارلىق شەھەرلىرىدە تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئ‍ۆتكۈزگەن.

كانادادىكى بۇ نامايىشلار دۇنيانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە شۇ كۈنى ياكى شۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى بىر قاتار نامايىشلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. تورونتودىكى نامايىش كانادا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالدىدىن باشلىنىپ، ئاندىن نامايىشچىلار خىتاينىڭ تورونتودىكى كونسۇلخانىسىغا پىيادە يۈرۈش قىلغان.

بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى: «بۈگۈن بېيجىڭدىكى قانغا بويالغان رەزىل بىر ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىشىغا قارشى كانادا ئولىمپىك كومىتېتى ئالدىغا توپلاندۇق،» دېدى.

ئوتتاۋادىكى نامايىشمۇ «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى»، «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»، شۇنداقلا تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، فالۇنگوڭچىلار، يەھۇدىلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

نامايىشتا ياش پائالىيەتچى كەۋسەر كامىل ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ، گەرچە ئۆزى كاناداغا كىچىك ۋاقتىدا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كىچىك چېغىدىن باشلاپ ھېس قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەسلەشمۇ ئازابلىق بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقى، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلگەن.