ئۇيغۇر ئېلىدە كېچىلىك تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ, تېلېفونلار كونترول قىلىندى
2013.04.30
23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغاندىن باشقا ئۆي ۋە قول تېلېفونلىرىغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى. تېلېفونلارغا بولغان كونتروللۇق ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇشمۇ چىقىرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر،ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە كېچىلىك تەكشۈرۈش ۋە ناتونۇش كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان مارالبېشى ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆي تېلېفونلىرىغا چەتئەلدىن ئۇرۇلىدىغان تېلېفونلار كونترول قىلىنغان. ئۇندىن باشقا ئاھالىلار نامەلۇم تېلېفونلارغا جاۋاب بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇلغان. دائىرىلەر ئۈرۈمچىدە 27 - ئاپرېل كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،3 - مايدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى قاتارلىق جايلاردىكى نىمكەش تېلېفون بازارلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
«ئۇيغۇربىز» تورىدىمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىدارە - ئورگانلاردا كۆزەتچى خادىملار كۆپەيتىلىپ،ئاھالىلەر رايونىغا ناتونۇش كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ 28 - ئاپرېلدىكى سانىدا،خوتەن پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا كېچىسى سائەت 9 دىن كېيىن كىرىش - چىقىش چەكلەنگەنلىكى، ئاقسۇ دائىرىلىرىنىڭ كېچە سائەت 11 دىن كېيىن بارلىق تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنى تاقاشنى ئۇقتۇرۇپ، ئىدارە - ئورگانلاردىكى كۈزەتچىلەرنى كۆپەيتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.