خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.03.25

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرغان خىتاي ئۆكتىچى ۋېن يۈنچاۋنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ھازىر نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋېن يۈنچاۋنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەي، ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭدىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن 3 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.

دائىرىلەر ۋېن يۈنچاۋنى بۇ يىل 4‏-مارت خوڭكوڭدىكى مەلۇم تور بېتىدە «سادىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوچۇق خېتى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرىش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ گۇمان قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىليام نىي جۈمە كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، «دائىرىلەر ئۇ ئوچۇق خەتنىڭ ئارقىسىدىكى گۇمانلىق كىشىلەرنى تەقىب قىلىشتىن ۋاز كېچىشى، ئۇنىڭغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېگەن.

ۋىليام نىي يەنە، «ئۆكتىچىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى جازالاش ھەددىدىن ئاشقانلىق ۋە قانۇنسىز تاكتىكا. ئۇ خىتاينىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش تەشەببۇسىنى بىمەنىلەشتۈرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

خوڭكوڭدا ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەت دەرھال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ۋۇجيې» ناملىق تور بېتىدە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەھۋال ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر 16 كىشى بۇ ئوچۇق خەتكە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. «ۋۇجيې» ناملىق بېتىنىڭ بىر خادىمى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، 4 خىزمەتدىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.