خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى - بۇزەينەپ ئابدۇرېشىتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇزەينەپ ئابدۇرېشىتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى ئۆتكەن يىلى باشلانغان. مەزكۇر تەشكىلات 29-ئىيۇل كۈنى قايتا ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى يەنە تەلەپ قىلغان.
بۈزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ يولدىشى ئاۋسترالىيە تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ ئاتا-ئانىسى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاقسۇغا ئېلىپ كېتىلگەن. نۆۋەتتە بۇزەينەپنىڭ 2017-يىلى 6-ئايدا قانۇنسىز 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈرۈمچى ئاياللار تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يېقىندا ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى يولدىشى ئالماس نىزامىدىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك قاناللارنى ئىشقا سېلىپ، ئايالىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ چاقىرىقى ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىدا خېلى زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 29-ئىيۇل قايتا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا كىشىلەرنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بۇزەينەپنىڭ خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان بىرەر خاتالىق سادىر قىلغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىل بولمىسا، ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ۋە ئائىلىسى بىلەن قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرۇشىغا، تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى، زۆرۈر بولغان تېببىي ياردەمگە ئېرىشىشىگە يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى چاقىرىلغان.
بۇزەينەپ ئابدۇرېشىت ئىلگىرى مىسىردا ئىككى يىل دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلىپ، 2017-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان. ئۇ ئاۋسترالىيەگە چىقىپ، يولدىشى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيىتىنى كۈتۈپ تۇرغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىنىپ كەتكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدا بۇزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تۇتقۇندا تەن جازاسىغا ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراش ئېھتىمالدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.