21-سېنتەبىر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەشتە تۇتۇلۇپ، 2 ئايدىن بېرى قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەننىڭ 22-سېنتەبىردە ئېچىلماقچى بولغان سوتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر يولدىشىم خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلسە، مەن ئۇنى مەڭگۈ كۆرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. بالىلىرىم مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇلارغا دادىسى بولمىسا بولمايدۇ، يولدىشىممۇ كۈن ساناپ تۇرۇۋاتىدۇ، بالدۇرراق قويۇپ بېرىلسەم دەيدۇ. ئەگەر ئۇ قويۇپ بېرىلمىسە، ھەممىمىز ئۈچۈن چوڭ كېلىشمەسلىك بولىدۇ،» دېگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكلاتى ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا كىرزىسلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جونى مارىيېر مۇنداق دېگەن: «ئىدرىس ھەسەن يولۇققان كىرزىس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر يەردە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ياكى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا قىستاش ئۇيغۇرلاردا ئېغىر قورقۇنچ، ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا. ماراكەشكە كەلسەك، ئەگەر ئىدرىس ھەسەننى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر كەك كۆلەمدە تۇتۇلۇپ دەھشەتلىك قىيناشلارغا ئۇچراۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتكە قايتۇرۇۋەتسە، خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ».
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتىنىڭ بۇ قېتىم كېچىكتۈرۈلۈشى خىتاي بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئارىسىدىكى بىر مەيدان كۈچ سىنىشىشنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.