خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ دەلىل كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنى 9-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى كۇرسانتلارنىڭ «ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈردى» دېگەن سۆزىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان. باياناتتا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى نىكولاس بېكىلىن، «ئەگەر ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر يۇقىرى بېسىملىق بۇ تۇتقۇنلار لاگېرلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتى بار» دېگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزى «بىر ئىلگىرىلەشتەك قىلسىمۇ، لېكىن بۇ بەكرەك خىتاي تەشۋىقات ماشىنىسىنىڭ شىنجاڭدىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كېلىۋاتقاندا دىققەتنى باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئوخشايدىكەن».
باياناتتا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىسپاتلىمىسا، دېمەك «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان سابىق كۇرسانتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. باياناتتا يەنە، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 9-دېكابىر چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى كۇرسانتلارنىڭ «ھەممىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ»، «مۇقىم خىزمەت» كە ئورۇنلاشقانلىقى ۋە ئوخشاش ياشاۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.