خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە يەتتە يېرىم مىليون ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.25

خەلقئارادا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالاشقا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە يەتتە يېرىم مىليون ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەشتىكى 14-بەش يىللىق پىلانى» نى ئېلان قىلغان. بۇ پىلاندا يەتتە يېرىم مىليون ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 14-بەش يىللىق بۇ پىلانى يەنە 120 مىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ «كەسپىي تەربىيەلەش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئائىلىلەرنى پارچىلىغان ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنىدى. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى ئۇنىڭ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى ئۆتكەن بەش يىلدا ئېرىشكەن «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەتراپلىق يەكۈنلەش ئاساسىدا، يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئانالىز قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تەرەققىيات مۇھىتى ۋە باشقا تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.