يىللاردىن بېرى خىتاي ۋە رۇسىيەدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ خەلق ئىرادىسىنى چەتكە قېقىشى ۋە باستۇرۇشى دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ۋە تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، مەزكۇر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا يوشۇرۇن بىر كېلىشىم بارلىقىنى ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ نۆۋەتتە بۇزۇلۇش باسقۇچىغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى كەننىس روتنىڭ بۈگۈن رويتىرس ئاگېنتلىقىغا بايان قىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەدە ئىقتىسادتا چېكىنىش كۆرۈلگەندىن كېيىن مەزكۇر كېلىشىم بۇزۇلۇش نۇقتىسىغا كەلگەن، بۇنىڭدىن ئەندىشىلەنگەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە.
بۇ ئەندىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپىيىشى دەپ كۆرسەتكەن كەننىس روت «ئەگەر سەن بىر دىكتاتورچى بولساڭ، سېنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىڭ پۇقرالىرىڭنىڭ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشى بولىدۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىپ بولۇش ئاساسەن مۇمكىنسىز بىر ئىش» دېگەن.