كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى فىلپ سەندىس: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزلۈۋاتقان جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىساق نېمە بولىدۇ؟»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.07.16

بۇ يىل 16-ئىيۇن «يېڭى سىياسەتچى» تورىدا خەلقئارا ئېتنىك قىرغىنچىلىق قانۇنى مۇتەخەسسىسى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئاداۋوكاتى فىلىپ سەندىسنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قايتا ئېنىقلىما بېرىش ھەققىدىكى پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئادۋوكات فىلىپ سەندىس ئىلگىرى خەلقئارا سوتتا بېرمىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغانىكەن. ئۇنىڭ «غەرب-شەرق كوچىسى» دېگەن كىتابى داڭلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەتقىق قىلغۇچى قانۇنشۇناسلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھۆكۈملىرى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پەرقى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپ ھوقۇق-مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى دېگەندەك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغانىكەن. ئۇ يۇقىرىقى قانۇنشۇناسلاردىن لەمكىننىڭ كۆز قارىشىغا بولغان مايىللىقىنى ئىپادىلەپ: «بىز گەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى گاز قويۇپ بېرىش ئۆيى ۋە قىلىچ-قوراللار بىلەن باغلاپ چۈشەنسەكمۇ، لەمكىننىڭ دەسلەپكى چۈشەنچىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ماھىيەتتە جىسمانىي جەھەتتە يوق قىلىش ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتە ۋەيران قىلىش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. سىز ئەگەر كىتاب-ئەسەرلەرنى، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى، بىر جامائەتنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋەيران قىلسىڭىز دېمەك سىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بولىسىز» دېگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىشى ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشى قاتارلىق ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە بولغان پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنىڭ خەلقئارالىق جىنايەت ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. مەسىلە شۇ يەردىكى، بىز ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىساق نېمە بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىساق بۇ جىنايەت كىچىك جىنايەت بولۇپ قالامدۇ؟». ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» گە ئاساسلانغاندىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەشەددىي زوراۋانلىقلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېمەسلىك بىلەن ئۇ جىنايەتنىڭ خاراكتېرى يەڭگىللەپ قالامدۇ؟ مەنچە ئۇنداق ئەمەس، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھەمدە تەكرار يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى قاباھەتلىك جىنايەتتۇر».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.