كوداك شىركىتىنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت رەسىملەرنى ئۆچۈرۈشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.07.22

داڭلىق فوتو-فىلىم شىركىتى كوداك ئىنستراگرام سەھىپىسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت رەسىملەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

كوداك شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئىنىستاگرام سەھىپىسىدە فرانسۇز فوتوگراف پاترىك ۋاكنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مەنزىرىلىرىگە ئائىت سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ فوتوگراف ئۇيغۇر ئېلىدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەرگە يازغان ئىزاھاتىدا «بۇ رايوندا كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلدى، بۇ سۈرەتلەر شىنجاڭنىڭ تۇيۇقسىز ئورۋېلچە دىستوپىيە ئىچىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ پاكىتى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ دەرھال خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقى بىلەن كوداك شىركىتى ئۇيغۇر ئېلى «ئورۋېللىي دىستوپىيە» دەپ تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى ئىنستاگرام بېتىدىن ئېلىۋەتكەن.

كوداك شىركىتى يەنە ئۈندىدار ھېساباتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاينىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى» ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئاتالمىش «ئۇقۇشماسلىق» ئۈچۈن خىتايدىن كەچۈرۈم سورىغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت خەلقئارالىق مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى مەۋجۇت. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر كوداك شىركىتىنىڭ بۇ پاكىتلارغا قارىماي ئەمەلىيەتنى «ئۇقۇشماسلىق» دەپ ئاتىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە «كوداك شىركىتى مەنپەئەتنى كۆزلەپ خىتايغا بويۇن ئەگدى،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.