كورلىدا ئۇيغۇر - خىتاي توقۇنۇشى يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ كورلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئاھالىسىنى ساراسىمىگە سالغان، ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ خىتاي پۇقرالىرىنى كوچىغا چىقماسلىققا بۇيرۇغان.
«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوچىغا چىقماسلىق بۇيرۇقى جۈمە كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ئەمما، دائىرىلەرنىڭ كورلىدىكى بۇ توقۇنۇش ۋە توقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتتىن جىددىي ئەنسىرىگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ نەقىل قىلىشىچە، كورلىدىكى بىر مېھمانخانا خوجايىنى لى تاۋجيې ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل ھېكايە ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ئاچقان قىمارخانىدا ھەممە پۇلىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەچكە خىتاي خوجايىندىن ئۇتتۇرۇۋەتكەن پۇلىنىڭ بىر قىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن جېدەل كېلىپ چىققان.
ۋەقەنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتىدا، بىر ئۇيغۇر ياش قىمارخانىدا ئىنتايىن كۆپ پۇل ئۇتۇۋالغان بولغاچقا خىتاي خوجايىن پۇل بېرىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر ياشلار بىلەن قىمارخانا خوجايىنى ئارىسىدا جېدەل كېلىپ چىققان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، لى ۋەقەدىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ: «بىز ئۇيغۇرلار ئىككى خىتاينى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپتۇ، ئۇيغۇردىن بىرى ئۆلۈپتۇ، دەپ ئاڭلاپ بەك قورقۇپ كەتتۇق. شۇنداق بىز خەنزۇلار قورققانتۇق. بىز ئۇ چاغدا پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنىلا ئاڭلاپ بەك جىددىيلىشىپ كەتتۇق. بىز بەك قورقۇپ كەتتۇق. ھازىر بىلسەك بۇ بىر جىنايى ئىشلار دېلوسى ئىكەن. ئىشلار ھازىر نورماللاشتى» دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ۋەقەدە 4 ئادەم ئۆلگەنلىكى، 8 ئادەم يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كىملىكى ۋە بۇلارنىڭ ئۆلۈشىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.
بەزى ئۇيغۇرلار ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئۇلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.