خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى ئۆلۈم ۋەقەسىنى ۋىرۇسقا باغلاش ئېھتىماللىقى ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-06
Share

پۈتۈن دۇنيانى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان خىتايدىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋەھىمىسى ھازىرقى ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆپلەپ خەۋەر قىلىۋاتقان تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتقان ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى مۇشۇ ۋىرۇسقا باغلاپ يوشۇرۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە ھەمدە ھاۋادىن تارقىلىشتەك قورقۇنچلۇق ئالاھىدىلىكى خىتايدا بەش يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشى قامالغان» دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان لاگېرلاردا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىكى قىيناق سەۋەبىدىن ھەر كۈنى ئوخشىمىغان ساندا ئۆلۈم ۋەقەلىرى كۆرۈلۈپ كەلمەكتە. ئەنگلىيەدىكى ئوبزورچى ئېمما برازېل 6-فېۋرال كۈنى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىل ئەندىشىسىنى بايان قىلدى. 

ۋۇخەن شەھرىدىن تارقىلىۋاتقان تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچى نۇرغۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كېلىۋالغانلىقى ھەمدە نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ 36 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىپ بولغانلىقى مەلۇم. ئەمدىلىكتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى مۇشۇ يۇقۇملۇق كېسەلگە ئارتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى مەسئۇلىيەتتىن ئېلىپ قېچىش ئېھتىماللىقى كۆپلىگەن سوئاللارغا دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى بەھرام سىنتاش بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «نۆۋەتتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا قامالغان ھەممىلا ئۇيغۇر مۇشۇ ھالدىن ئەندىشىگە چۈشمەكتە،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت