يېقىندا لىتۋا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي ياۋروپادا بەرپا قىلغان 17 +1 توپىدىن چېكىنىپ چىققان ئىدى. لىتۋا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانتاس ئادومېناس «ئاكسيوس» تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇنىڭدىكى بەزىم پىرىنىسىپاللىق سەۋەبلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.
ئۇ بېسانىي ئىبراھىمىيان بىلەن بولغان سۆھبەتتە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئەمىلىيەتتە ۋەدە قىلىنغاندەك ئىقتىسادىي مەنەپئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق،» دېگەن. ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا ئەمەس، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ باشقا مەملىكەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئاجىزلىتىشتەك ئۇرۇنۇشلىرىنىمۇ ھېساپقا ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىزمە ئازراق ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئەركىنلىك قارىشى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپلىرىدىن ئەلا كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مانتاس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، لىتۋانىڭ ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇشىدا غەربنىڭ دېموكراتىيە ھەققىدىكى بېسىملىرى مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش تەقدىر باشقىلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە بۇنىڭغا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشنى قەتئى مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن.