لىتۋا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي تېلېفونلىرىنى ئىشلەتمەيدىغان بولغان

خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ۋاسىتىلىرى خىتاي ماللىرىغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تېلېفونلار ئىكەن.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىتۋا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر دوكلاتىدا خىتاي تېلېفونلىرىنىڭ ئىچىگە سېنزور (تەكشۈرگۈچ) ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لىتۋا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى ئىستېمالچىلارغا خىتاي تېلېفونلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى، قولىدا بار تېلېفونلارنىمۇ تاشلىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلغان.

لىتۋا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ئورگىنىنىڭ 21-سىنتەبىر كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ داڭلىق ئەقلىفونلىرىدىن شىيامى. HK)1810) نىڭ ياۋروپادا سېتىلىۋاتقان تېلېفونىنىڭ ئىچىگە تەكشۈرۈگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «تىبەتكە مۇستەقىللىق»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى ياشىسۇن»، «دېموكراتىيە ھەرىكىتى» دېگەندەك سەزگۈر سۆز-ئىبارىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. شيامىنىڭ 5G 10T تېلېفونلىرىغا قاچىلانغان يۇمشاق دېتال ياۋروپادا ئالىقاچان تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يىراقتىن ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا ئاچقىلى بولىدىكەن.

لىتۋانىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «بىز خىتاي تېلېفونلىرىنى ئالماسلىق، ئالغان تېلېفونلىرىنىمۇ بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز،» دېگەن. شياۋمى ئەقلىفون شىركىتى بۇنىڭغا تېخى ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

يېقىندىن بېرى لىتۋا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تەيۋەن لىتۋا ۋاكالەت ئورنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئايدا خىتاي تەرەپ لىتۋانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ لىتۋادىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەنىدى.