ما شىڭرۇي ئۇيغۇر دىيارىدا «يېشىل مۇھىت» ياراتماقچىمۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ «يېشىل مۇھىت» بەرپا قىلىش ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلغان. شۇنداقلا بۇنى «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزىنىڭ روھى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا ما شىڭرۇي مەخسۇس سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 5-ئىيۇن كۈنى «دۇنيا مۇھىت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىتنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە يېشىل مۇھىت بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ روھىنى، شۇنىڭدەك «سۇڭ چىڭلىڭ فوندى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدىكى پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىش ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ «قانۇن ھەممىلا جاينى قاپلىغان ۋە ھەممىلا جايدا ئومۇملاشقان» ۋەزىيەت يارىتىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ما شىڭرۈي رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار يەنە تەكىتلەنگەن.

ما شىڭرۇينىڭ مۇھىت ئاسراش، پارتىيە تارىخى ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بىر-بىرىگە زادىلا جىپسىلاشمايدىغان ئۈچ تېمىنى بىر قېتىملىق يىغىندا باراۋەر ئوتتۇرىغا قويۇشى بۇنىڭ ماھىيەتتە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شوئارىنى تەكرارلاشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارالماقتىكەن. يەنە بەزىلەر بولسا ما شىڭرۇينىڭ بۇ خىل «ئىلمىي نەزەرىيە» تۈسىنى ئالغان شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇنىڭ يۇغۇرى مەلۇماتلىق سىياسىي رەھبەر ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىلىنىشى، دەپ قارىماقتىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە غايەت زور كۆلەمدە يەر ئاستى بايلىقى قېزىش جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتىنى مىسلىسىز ۋەيران قىلىپ بولغانلىقىنى، شۇنىڭدەك مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىيانە قانۇنسىزلىقنىڭ ئۈلگىسىنى «تىكلەپ بەرگەن» لىكىنى ئەسكەرتكەن مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن «ما شىڭرۇينىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ جاللاتلىقتا چېن چۇەنگوغا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئادولوف خىتلېرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى بولغان جوسېف گېبلېس (Joseph Goebbels) مۇ ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ دوكتۇرلۇقىنى ئالغان جاللات ئىدى» دەيدۇ.

دەرۋەقە يېقىندا پاش بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى ئارخىپلارمۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بېكىتىپ بەرگەن قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى باش نىشاننىڭ چېن چۇەنگو يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.