ما شىڭرۈي قۇمۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئېنېرگىيە بايلىقى سانائىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتىشنى تەكىتلىگەن

خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇشتا كۆمۈر ئېنېرگىيەسى، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ھەر خىل قىممەتلىك كان بايلىقلىرىنى قېزىشنى كېڭەيتىپ، رايوندا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى سانائەت توپىنى ئاكتىپلىق بىلەن شەكىللەندۈرمەكتە ھەم كېڭەيمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي 14 ۋە 15-‍ئۆكتەبىر كۈنلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق 13-دېۋىزىيەسى ۋە ئۇنىڭ يېڭى يۇلتۇز(شىنشىڭ) شەھىرىدە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بۇنىڭغا دائىر يېڭى يوليورۇقلارنى بەرگەن.

ما شىڭرۈي 13-دېۋىزىيە ۋە يېڭى يۇلتۇز شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا رايوندا ئېنېرگىيە بايلىقى سانائىتى قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتىپ، «دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش» نى تەلەپ قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۈي يەنە «شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىستراتېگىيەلىك كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلىشىش» نى، «سەككىز چوڭ سانائەت توپى» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ چۆكۈش» نى، «دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە مۇھىم قېزىلما بايلىقلار بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا تۆھپىنى ‍ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان. ما شىڭرۇينىڭ قۇمۇلدىكى بىڭتۇەن ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنى ۋە يېڭى ماتېرىياللار سانائەت باغچىلىرىنى تەكشۈرۈشى، ۋاشىنگتوندىكى «ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقاتى» تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كانچىلىق ئىشلىرىغا دائىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ دوكلاتتا، دۇنيادىكى داڭلىق مالىيە شىركەتلىرىنىڭ ‍ئامېرىكالىقلارنى ئۇيغۇر رايونىدا ئالتۇن قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەيدىغانلىقى ئاشكارىلىغانىدى. ما شىڭرۈي بۇ سەپىرىدە «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان كۆمۈر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى، نېفىت-تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنى، يېڭى ماتېرىياللار سانائەت باغچىلىرىنى ۋە قىممەتلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تەكشۈرگەن.