كۆزەتكۈچىلەر، ما شىڭرۈينىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش—تارىخىي مۇقەررەرلىك» دېگەن سەپسەتەسى قاتتىق ئەيىبلىدى
2024.12.25
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» 25-دېكابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي «بىرىنچى قول باشلىق ھەممىگە مەسئۇل بولۇش» رولىنى ئىشقا سېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش» تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىغان.
يىغىندا ما شىڭرۈي سۆز قىلىپ، «شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك چېگرا رايون، شۇڭا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن ھەمدە بارلىق مىللەتنىڭ «جۇڭخۇا ئېڭى» نى مۇستەھكەملەشنىڭ «تارىخىي مۇقەررەرلىك، پەۋقۇلئاددە مۇھىم ۋەزىپە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
2024-يىلنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سۇنغان «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش» تەكلىپ لايىھەسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ھەتتا پىسخولوگىيە جەھەتتىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يەنى «جۇڭخۇا ئېڭى» غا مۇجەسسەم قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» نى مائارىپ تەربىيەسىگە كىرگۈزۈش، «مىللەتلەر بىر ئائىلە» پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، ھەر مىللەت ياشلىرىنى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلەش قاتارلىق تەكلىپلەر بېرىلگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر «خىتاينىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» دەپ قاراۋاتقان «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» سىياسىتى، مەزكۇر خەۋەردە «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر سىياسىتى، شۇنداقلا مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈپ لىنىيەسى» دېيىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىن قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى پارتكوم رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى»، پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى قاتارلىق 20 نەچچە ئىدارە-ئورگاننى يېتەكلەيدىكەن. بۇ ئورگانلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «جۇڭخۇا ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» نامىدىكى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۈچۈن بىرلىكتە پىلان تۈزۈپ، بىرلىكتە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، 14 ئوبلاست، ۋىلايەت، شەھەردە «مىللەتلەر بىر ئائىلە» پائالىيىتى قانات يايدۇرىدىكەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئوبزورچى خۇ پىڭنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» سىياسىتى، خىتاي تىلى ۋە خىتاي بايراملىرىنى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە تېڭىش يولى بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت باشقا مىللەتلەرنى خىتايدىن پەرقسىز ھالەتكە ئېلىپ كېلىش بولۇپ، ماھىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى چەتكە قېقىش ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنى ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەن.