ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلەرگە شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن
2024.03.07
خىتاي ھۆكۈمىتى 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان بىر سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرگە خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ باشچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭنى يادرو قىلغان پارتىيە مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. باش سېكرېتار شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلىدى، خىزمەتلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۆزى ئىلگىرى سۈردى».
ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان سىياسەتلەرگە شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. بۇ سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەر ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە ئۇيغۇر رايونىدا «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ باش يېتەكچىسىنىڭ شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.