ماھىرە ياقۇپنىڭ قولغا ئېلىنىشى دۆلەتلىك رادىيوغا ئېلىپ چىقىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە بىر يىلدىن بۇيان ھېچقانداق خەۋىرى بولمايۋاتقان ماھىرە ياقۇپنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ مەسىلىنى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان «ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى» نىڭ پروگراممىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلاتتى.

مەلۇم بولۇشىچە ماھىرە ياقۇپ 2013-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئۇلارغا خىتايدىن پۇل سېلىپ بەرگەن. 2019-يىلى مايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە مالىيە جەھەتتىن ياردەملەشكەن» دېگەن ئەيىب بىلەن قولغا ئالغان.

«ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى» نىڭ 2-ئىيۇن كۈنى تارقىتىلغان ئاڭلىتىشىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى سامانسا كلىنۋورس، ماھىرە ياقۇپنىڭ قېرىندىشى مەرھابا ياقۇپ ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئانالىزچىسى ۋىكىي شۈ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە باغلىغان ھالدا ماھىرە ياقۇپ دۇچ كەلگەن پاجىئەنى مۇھاكىمە قىلدى.

سۆھبەتتتە ئۇلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ ئەھۋالى ھەمدە بۇ جەرياندا مىليونلىغان ئۇيغۇرۇرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىش ئەھۋالىنى چۆرىدىگە ھالدا ماھىرەنىڭ ئىلگىرى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇۋېتىلگەنلىكى ۋە 2019-يىلى رەسمىي قولغا ئېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ تېررورچى سىياقىدا تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

سامانسا خانىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىرە ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار نورمال پائالىيەتلەرنى ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋىكى شۈ بولسا نۆۋەتتە چەتئەل بىلەن خىزمەت، ساياھەت ياكى ئوقۇش دېگەندەك ئالاقىسى بولغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ بىردەك تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ماھىرەنىڭ ئەنە شۇ دولقۇندىكى بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا ماھىرەنىڭ بىگۇناھ ھالدا قولغا ئېلىنىشىغا قارىتا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگە چىقىشى لازىملىقى ھەققىدىكى چاقىرىق يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت