مالايشىيانىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان ھەققىدىكى دوكلاتى نارازىلىق قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.03.08


مالايشىيا ھۆكۈمىتى مالايشىيانىڭ «370MH» نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىرىنىڭ بىر يىللىقى توشۇشى بىلەن 8 - مارت كۈنى ۋەقەنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاغا ئۇچرىغانلار ئائىلە - تاۋىباتلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلاتىغا قايىل ئەمەسلىكى، بۇ ھادىسىنىڭ يەنىلا سىر پېتى قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن، بەزى كىشىلەر مالايشىيا ھۆكۈمىتى ھەقىقىي ئۇچۇرنى يوشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئويناشتى، دەپ ئەيىبلىگەن.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مەزكۇر نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ تەقدىرىگە ئائىت مۇھىم يىپ ئۇچى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىكەن.

مالايشىيا باش مىنىستىرى نەجىپ راززاق مالايشىيانىڭ ھەر تەرەپلەردىن مەزكۇر ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلانى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن،

ئۆتكەن يىلى، 8 - مارت كۈنى كۇئالا لامپوردىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان«MH370» نۆۋەتچى ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 239 يولۇچىنىڭ 154 نەپىرى جۇڭگولۇق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان تىنچ ئوكيان رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئىزدەلگەن بولسىمۇ، تېپىلمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.