خەلقئارا تەشكىلاتلار 23 - ئاپرىل مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.05.02

سەيشەنبە كۈنى مەركىزى بريۇسسېلدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنى چاقماق تېزلىكىدە «تېررورلۇق ۋەقەسى» دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقى، ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلارنى قامال ئاستىغا ئېلىپ ھېچقانداق مۇخبىرنىڭ ياكى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىنىڭ كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ مارالبېشى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەرھال ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىنى بۇ ھەقتە ب د ت غا چاقىرىق قىلىشقا ئۈندىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 23 - ئاپرىلدىن بۇيان ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمايدىغان بايانلارنى بېرىشى ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەققىدىكى گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. چارشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پاكىتلارنىڭ يەرلىكتىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار بىلەن چەك باسمايدىغانلىقىنى، شۇڭا چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە خەلقئارا جامائەتنى مارالبېشى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.