ماركو رۇبىيو ئامېرىكا تىنچلىق كورپۇسىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئالقىشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەۋە چەتئەللەرگە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ياردەملىرىنى كۆرسىتىدىغان تىنچلىق كۆرپىسىنىڭ باش شتابى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى» تۈپەيلىدىن ئۆتكەن ھەپتە ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملىرىنى 2020-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ قارارنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن فۇرقەت جاۋدەتنىڭ ئاپىسى ھەققىدىكى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «مانا بۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقتۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى سىستېمىلىق يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى» دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى ھەققىدىكى ئاشكارا گۇۋاھلىقلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا پاش قىلىشتا زور ئىجابىي ئۈنۈم پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت