كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىدا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان
2024.05.10
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو(Marco Rubio) يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭدىن ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىدا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان.
ماركو رۇبىئونىڭ تەكىتلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇشىدىن تارتىپ، نىكاراگۇئا، كۇبا، شىمالىي كورېيەدە خىرىستىيانلارنىڭ، ئىراندا باھايىلارنىڭ جازالىنىشىغىچە بولغان ئىشلاردا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋەدىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا قەيت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ماركو رۇبىئونىڭ ئىشخانىسى 7-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، ماركو رۇبىئونىڭ پىرېزىدېنت بايدېنغا ئامېرىكانىڭ ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەپ، ئۇنى بوش قالغان بۇ ئورۇننى دەرھال تولۇقلاشقا چاقىرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «لاياقەتلىك ھەم تەجرىبىلىك بىرسىنى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىدا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچى تەيىنلەش دۆلىتىمىزنىڭ بۇ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا بولغان بېغىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي، توقۇنۇش ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى كۈچەيتىدۇ.»
رۇبىئونىڭ پىرېزىدېنت بايدېنغا يازغان مەكتۇپى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يېقىندا يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن» لىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا جاۋابكارلىقى بار بولغان تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يوللانغان.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەگە يول ئېچىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەم مەدەنىيەت كىملىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا نىشانلىق جازا يۈرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.