مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىن شاللىنىشىغا خىتاي ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان بىر قىسىم تاۋارلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى پارچە سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ بۇ تاۋارلارنى ئۆز دۇكانلىرىدىن شاللىشى كۆرۈلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 13-يانۋار كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ ھەرقايسى سودا شىركەتلىرىنى «ئامېرىكىدىكى سىياسىيونلار بىلەن بىرلىكتە بۇلغانماسلىق» قا دەۋەت قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا Walmart شىركىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تارماق شىركىتى بولغان Sam's Club شىركىتىنىڭ بىر قىسىم تاۋارلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى، دەپ قاراپ ئۆز دۇكانلىرىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى «ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ «ئىنتىل شىركىتىمۇ ئاتالمىش مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە جار سالغان. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستىمالچىلىرىمىزغا باش ئەگدى. ‹تېسلا›، ‹كەررىفور› قاتارلىقلارمۇ دۆلىتىمىزدە زور ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

ھالبۇكى شۈ گۇيشياڭ ئالاھىدە ماختىغان بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايغا خۇشامەت قىلىشى غەرب دۇنياسىدا قاتتىق ئەيىبلەشلەرگە ۋە تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقەللىي سودا ئەخلاقىنى يوقاتقانلىقى مىليونلارچە كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئىنتىل» ۋە «تېسلا» شىركەتلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ ئوچۇق بايانات ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ۋىجدانىنى تارازىغا سېلىپ كۆرۈشكە چاقىرغانىدى.