ئارىزونا شتاتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى سۇنغان

‍ئامېرىكانىڭ ئارىزونا شتاتلىق كېڭەش پالاتاسى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكىگە چېتىشلىق توكلۇق ئاپتوموبىللارنى چەكلەش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ شتاتتىكى ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئورنىنىڭ ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇنىڭغا ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى بالىلار ئەمگىكى ئارىلاشمىغانلىقىغا قەسەم قىلىپ، كاپالەت بەرمىگەن ھەرقانداق شىركەتنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىكەن. 1341-نومۇرلۇق مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ شتاتلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى فرانك كارول تەرىپىدىن سۇنۇلغانلىقى ۋە بۇ قانۇننىڭ سۇنۇلۇشىغا خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەندىشىلەر تۈرتكە بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«ئارىزونا ئەينىكى» تور گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللارغا كۆچۈشى، كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكىنى ئىشلىتىشى ئەندىشە قوزغىماقتا ئىكەن. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا، خىتاي ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ دەسلەپكى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقى قەيت قىلىنىپ كەلگەن.

«ئارىزونا ئەينىكى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى فرانك كارولنىڭ قانۇن لايىھەسىدە، ئەگەر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە ساختا ياكى خاتا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسە، ھەر بىر خاتا ئۇچۇرى ئۈچۈن 10 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلىدىكەن ياكى ئەسلى توختامدىكى ھۆكۈمەت ئورگانى تۆلىگەن پۇلنىڭ يېرىمىنى تۆلەيدىكەن. قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ھەرقانداق خادىمى قەستەن يازما قەسەمنامىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭغىمۇ ھەر بىر خاتا بايانى ئۈچۈن 10 دوللار جەرىمانە قويۇلىدىكەن. «ئارىزونا ئەينىكى» تور گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانك كارول ئارىزونا كېڭەش پالاتاسىدا قىلغان يېقىنقى بىر سۆزىدە، بۇ قانۇننىڭ نۇقتىلىق كوممۇنىست خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى ئېيتقان.