ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم ئامېرىكانىڭ ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىشنى توختىتىشقا چاقىردى.
ئۇ باياناتىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنداق دېدى: «ھېچكىم ئۆزى خالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دىنىي ۋە ئېتنىك توپلۇقلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ‹تەربىيەلەش› باھانىسىدا خىزمەت شارائىتى ئىنتايىن ناچار جايلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سالماقتا. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز.»
ئەمگەكچىلەر بايرىمى ئامېرىكا فېدېرال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دۆلەتلىك بايرام بولۇپ، ھەر يىلى سېنتەبىرنىڭ بىرىنچى دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام ئامېرىكانىڭ ئەمگەكچىلەر ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەبرىكلىنىدۇ.