خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نى رەسمىي مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم كېلەر ھەپتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق توۋارلار مەسىلىسىنى ھەمدە بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھىسىنى رەسمىي مۇزاكىرىگە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئەگەر بىر سودا ئىشلىرىدىكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن باش تارتساق بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلغۇدەك يۈزىمىز قالمايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دېموكراتچىلار پارتىيەسى خىتايغا قاتتىق بولمىغانلىقتا ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇزاكىرە بۇنىڭدىكى بىر يېڭى ئىلگىرىلەش ھېساپلىنىدىكەن.