چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش نامايىشلىرى داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-22
Share

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيا جامائىتىگە كۆپلەپ مەلۇم بولۇش بىلەن بىرگە «21-ئەسىردىكى زامانىۋى قۇللۇق» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان بۇ قەبىھلىكنى چەكلەش نامايىشلىرى ھەرقايسى مەملىكەتلەردە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

20-سېنتەبىر كۈنى دۇنياۋى خاراكتېردىكى «ھالاكەت ئىسيانى» تەشكىلاتى گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى بولغان C&A شىركىتىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى دۇكىنى ئالدىغا توپلىنىپ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توختىسۇن!»، «مەجبۇرىي ئەمگەك ئاخىرلاشسۇن!» دېگەن مەزمۇنلاردا خىتاب قىلدى. نامايىشنى ‍ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار دىيارىدا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، C&A شىركىتىنىڭ كۆپلىگەن كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق تەييارلانغانلىقىنى، بۇ خىل كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىۋېلىش ۋە كىيىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاشۇ خىل قەبىھلىككە شېرىك بولغانلىققا باراۋەر ئىكەنلىكى، بۇ خىل قەبىھلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكى قاتارلىق تېمىلار بويىچە ئۈنلۈك نۇتۇق سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامايىشچىلار يەنە دۇكاننىڭ ئەينەكلىك تاملىرىغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك جۈملىلەرنى پۈركىمە سىر بىلەن يېزىپ چىقتى.

ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەزمۇنىدىكى بۇ خىل نامايىشنىڭ يەنە بىرى 22-سېنتەبىر كۈنى كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەر شۇ جايدىكى يەھۇدىي جامائىتى بولۇپ، ئۇلار قوللىرىدا «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن شوئار يېزىلغان بايراقلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى. ئوتتاۋا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايرىقى» نى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىشقا قاتناشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جازا لاگېرلىرىغا مەھكۇم بولۇشنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان يەھۇدىي جامائىتىنىڭ نۆۋەتتە ئاشۇ خىل قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى كۆپلىگەن دۆلەت ۋە شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.