ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرى بارلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-10-07
Share

رويـتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى تېزگىنەك ياساپ ساتىدىغان «ئۇنىۋېرسال ئىلىكتورون مەھسۇلاتلىرى» (Universal Electronics) شىركىتى يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىشچىسىنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى چىنجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان زاۋۇتىدا ئىشلەشكە يۆتكەش ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇنى ئۆزى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا دەلىللىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقىغا ئائىت تۇنجى دەلىللەنگەن ۋەقە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تېزگىنەك شېركىتى سونىي، سامسۇڭ ۋە مىكروسوفت، LG قاتارلىق خەلقئارالىق تېلېۋىزور ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنى تېزگىنەك بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە 400 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى ياللىغانلىقى ۋە بۇ ئىشچىلارنىڭ خوتەن شەھىرىدىن كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

«ئۇنۋېرسال ئىلىكتورون مەھسۇلاتلىرى» شىركىتىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا دەپ بېرىشىچە، شىركەتنىڭ چىنجوۋدىكى زاۋۇتىدا ھازىر 365 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىسى ئىشلەيدىكەن. بىراق شىركەت بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ باشقا خىتاي ئىشچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا مەجبۇرىي ئەمگەكچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، چىنجۇۋ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشى ۋە يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار خوتەن شەھىرىدىن چېنجۇدىكى زاۋۇتقا ساقچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئايروپىلان ئارقىلىق يۆتكەلگەن ۋە يۆتكەش ھەققىنى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۆلىگەن ئىكەن. 2020-يىلى 2-ئايدا چىنجوۋ ساقچىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىغا يوللانغان ئۇقتۇرۇشتىمۇ بۇنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان.

چىنجوۋ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشى ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم خەۋەرلەردىنمۇ بۇ زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ داۋاملىق ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىشلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان بولۇپ، مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور ئىنكاس قوزغىدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇنىڭغا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت