كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبىدىن مۇسادىرە قىلدى

يېقىندا كانادا تاموژنىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر تۈركۈم ماللارنى «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق» دېگەن ئەيىب سەۋەبىدىن مۇسادىرە قىلدى. بۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى تۇنجى قېتىملىق قاتتىق تەدبىر ئېلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

«يەرشارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى 2021-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ كانادا چېگرا مۇداپىئە ساھەسىگە مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ھېچقانداق تاۋار مۇسادىرە قىلىنمىغان ئىكەن. كانادا چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى رېبەككە پۇردىي بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ قېتىم مۇسادىرە قىلىنغان تاۋارلارنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار كىيىملىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ «پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەنگەن تاۋارلار ئىكەنلىكىنى» بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاساسلىق قۇربانلىرى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن. يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېغىر دەرىجىدە چېتىشلىق ئىكەن.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى مۇسادىرە قىلىشى ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى كۆپ خۇرسەن قىلغان. ئۇلار بۇنى قىزغىن ئالقىشلاش بىلەن بىرگە كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولغان چارىلەرنى ئىشقا سېلىشقا دەۋەت قىلغان. نۆۋەتتىكى ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىدىن سەمىر زۇبەيرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ؛ «كانادا ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىگە ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرماسلىقى لازىم» دېگەن.