بۇ يىللىق رامزان كىرگەندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى دىنىي چەكلىمىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىگە قاراشلىق ناۋا يېزىسىدىكى گاپا ئارىش كەنتى ئۆز تەۋەسىدىكى ئاھالىلەرگە «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» تارقاتقان.
بۇنىڭ بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ خالىغانچە ئۆز تەۋەسىدىكى مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشى قاتتىق چەكلىمىگە دۇچ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، كەنت سېكرېتارى، كەنت ئامانلىق مۇدىرى ھەمدە كەنت ساقچىلىرى ھەر قېتىملىق ناماز ۋاقتىدا، بولۇپمۇ جۈمە نامىزى ۋە رامزان مەزگىلىدىكى تەراۋى نامىزى ئوقۇلىدىغان چاغلاردا مەسچىتنىڭ دەرۋازىسىدا كۆزەتتە تۇرىدىكەن. «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» بولمىغان ياكى 18 ياشتىن تۆۋەن بولغانلارنى مەسچىتكە كىرىشتىن توسايدىكەن.
«گاپا ئارىش كەنتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئالاقە گۇرۇپپىسى» نامىدا تارقىتىلغان مەزكۇر كىنىشكا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ئادەتتە ناھىيە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ياكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قارمىقىدا «ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» تەسىس قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، نۆۋەتتە يېزا-كەنتلەرگە قەدەر ئاتالمىش «ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» تارقىتىشى رايوندا مۇسۇلمانلارغا بولغان دىنىي بېسىم ۋە نازارەتنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.