ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادە قىلغان بەھرەيىنگە تەشەككۈر بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.01.08

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 7-يانۋار كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.

ئۇ، دۇنيا كۈن تەرتىپىدىكى قىزىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىنى ئېلان قىلىدىغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن بەھرەيىن ۋەكىللەر كېڭىشىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: 

«نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن ئالدى بىلەن بۇ يەردە بەھرەيىن ۋەكىللەر كېڭىشىنى تەقدىرلەپ ئۆتمەكچىمەن. ئۇلار، 2-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلدى. بەھرەيىن، مەن بىر قانچە ئايلاردىن بېرى دەپ كېلىۋاتقان بۇ ئەمەلىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈردى.»

مايك پومپېيو سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارشى زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زۇلۇم يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىز، بەھرەيىننىڭ ھەرىكىتىدىن مەمنۇن بولۇش بىلەن بىرگە، بارلىق دۆلەتلەرنى بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زالىملارچە ھەرىكەتلىرىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە چاقىرىمىز». 

بەھرەيىن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-يانۋار كۈنى بەھرەين دۆلەت مىللىي مەجلىسىنىڭ ۋەكىللەر كېڭىشى، يەنى مەجلىس تۆۋەن پالاتاسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار باياناتتا: «ۋەكىللەر كېڭىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى، بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ئاياللىرى ۋە ئائىلىسىدىن جۇدا قىلىنىشى، نېگىزلىك ھەقلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى، قېيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈمگە دۇچار بولۇشتەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، زالىم سىياسەتلىرىگە قارىتا چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتا» دېيىلگەن. ۋەكىللەر كېڭىشى باياناتىدا يەنە «خەلقئارا جەمئىيەتنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئۇلارنى خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاساسەن قوغداش، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىگەن. 

ئالدىنقى ئاي، كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.