سابىق مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك 6 يىللىق تۇتقۇنلۇقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن
2017.03.25
س ن ن نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا سابىق مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك 6 يىللىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشتىن كېيىن 24-مارت كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
ئۇنىڭ ئادۋوكاتى فارىد ئەل-دىب تۆنۈگۈن س ن ن مۇخبىرىغا بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن ھۆسنى مۇبارەكنىڭ نۆۋەتتە قاھىرە شەھەر ئەتراپىدىكى شەخسىي تۇرالغۇسىغا قايتقانلىقىنى ئېيتقان.
ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان مۇبارەك مىسىرغا 30 يىل مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ 2011-يىلىدىكى «ئەرەب باھارى» ھەرىكىتىدە خەلقنىڭ نارازىلىقى ئىچىدە تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان.
2012-يىلىدىكى مىسىر سوتىدا مۇبارەك ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مۇبارەكنىڭ مىسىردىكى خەلق نامايىشىنى باستۇرۇش جەريانىدا 840 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە 6 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2011-يىلىدىكى «ئەرەب باھارى» دا قاھىرە كوچىلىرىدا كۈچ كۆرسەتكەن مىڭلىغان ئەرەب ياشلىرى ھازىرغا قەدەر تۈرمىلەردە قامىلىپ ياتماقتىكەن.