خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىردا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا چەكلىمە قويدى

خىتاينىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مىسىرغا ساياھەت ۋىزىسى ياكى قىسقا مۇددەتلىك ۋىزا بىلەن كەلگەن ھەرقانداق خىتاي پۇقراسىغا مىسىردا ئوقۇشى، تۇرۇشى ۋە ئىقامەت ئېلىشى ئۈچۈن گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 11‏-ئۆكتەبىر چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ بەلگىلىمە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەلچىخانىغا تاپشۇرغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا بېرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى نوتىسىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا پەقەت مىسىرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش ۋىزىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭلا مىسىردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بەلگىلىمە خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقىرىلغانمۇ ياكى مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزى چىقاردىمۇ بۇنىسى مەلۇم ئەمەسكەن. ئەمما مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەزىيىتىدىن خەۋەرلەر ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان مىسىردا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى بىر رېئاللىقكەن. يېقىندا مىسىرغا بېرىپ كەلگەن بىر دىنىي زات، يېقىندا ئاتۇشتىن مىسىرغا ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كېلىپ، دىنىي ئوقۇشقا كىرگەن بىر قانچە ئۇيغۇر بالىنى، ئاتۇشتىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېسىم ئىشلىتىپ مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مىسىرغا چىقىپ ئوقۇشىنى چەكلىگەچكە، ئۇلارنىڭ ئوقۇش ۋىزىسى بىلەن مىسىرغا چىقىشى بەك مۈشكۈل بولۇپ، شۇڭا، ئۇلار مىسىرغا نورمال ساياھەت ۋىزىسى بىلەن بېرىپ، ئوقۇش ۋىزىسىغا ئۆزگەرتىش يولىنى تۇتۇپ كەلگەن ئىكەن.