«نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىرنىڭ ئارمىيە تەرەپ يۆلەپ تۇرغۇزغان يېڭى ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «تېررورچى تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارار ئېلان قىلىنىپ، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتمەيلا مىسىر ئارمىيە تەرەپ يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. پەيشەنبە كۈنىگىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نەچچە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.
مىسىرنىڭ دېموكراتىك سايلام بىلەن تەختكە چىققان تۇنجى رەئىسى مۇھەممەد مۇرسى ئارمىيە تەرەپنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مەجبۇرىي غۇلىتىلغاندىن كېيىن مىسىر يەنە بىر مەيدان قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. ئارمىيە تەرەپ يۆلەپ تۇرغۇزغان يېڭى ھۆكۈمەت مۇھەممەد مۇرسى باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاشنى قارار قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ گۇمان قىلىنغان بىر قىسىم ئىجتىمائىي ۋە خەير-ئېھسان تەشكىلاتلىرىمۇ مەجبۇرىي تارقىتىلىپ، مەبلەغلىرى توڭلىتىلىشقا باشلىغان.