«مىسرانىم» تورى ساھىبىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى

«شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زىيارەت قىلغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان تور بەتلەردىن بىرى بولغان «مىسرانىم» تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەرنى خىتاي دائىرىلىرى قولغا ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئابابەكرى مۇختەر ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، دائىرىلەر قولغا ئېلىش سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە ئويۇن قويۇشقا كەلگەن ئۆزبېك ناخشىچى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ماجىراغا باغلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمما خەلق ئارىسىدىكى ئىنكاسلاردا بولسا، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يازمىلىرىنى ئۆز تورىدا كۆپلەپ ئېلان قىلغانلىقى بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىشقا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابابەكرى مۇختەر «مىسرانىم» تور بېتىنى قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى گەرىي لوكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا سازاۋەر بولغان ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكىدا ئىككى ھەپتىلىك زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيىدە بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە باغلاپ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، يەنە بەزىلىرى ئوخشىمىغان مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.