موڭغۇل پائالىيەتچى خادانىڭ كىملىك كارتىسى ئىلتىماسى رەت قىلىنغان


يېقىندا 20 يىللىق تۇتقۇندىن قويۇپ بېرىلگەن موڭغۇل پائالىيەتچى خادانىڭ كىملىك كارتىسى ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ۋە بانكا ھېساباتى توڭلىتىلغان.

بۇ ئۇچۇرلارنى 23 - يانۋار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خادا ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئاشكارىلىدى.

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن خادا «دۆلەتنى پارچىلاش» ۋە «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن بۇيرۇلغان 15 يىللىق جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، 4 يىلدىن كۆپرەك نەزەربەندكە ئېلىنغان ۋە ئۆتكەن ئايدا ئۆيىگە قايتۇرۇلغان.

لېكىن خادانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھېلىھەم ئەركىن بولالمىغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلار مېنىڭ ئەركىن يۈرۈش ئەركىنلىكىمنى چەكلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئايدا ئىلتىماس قىلغان كىملىك كارتىسىنى ئېلىشىمغا يەنە 2، 3 ئاي كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

خادا تۈرمە ۋە نەزەربەند ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر بىنا ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دائىرىلەر ئەينى چاغدا خادانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتىشقان.

خادانىڭ ئايالى ھازىر كىملىكى يوق ئادەمنىڭ بىر يەرگە بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكنى ئېيتىپ: بانكا ھېساباتىمىز توڭلىتىلغاندىن كېيىن خادانىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ يەنە بىرنى ئاچايلى دېسەك،ئۇنىڭ كىملىكى يوق، دېدى.

ئۇ يەنە خادانىڭ يەنىلا بىر مەھبۇس ھاياتىنى كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.