ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىدىكى ساقچى ئىدارىسى 26-نويابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 4 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قاتىل خۇرۇنچىنى تۇتۇشقا ياردەم قىلغانلارغا 30 مىڭ سوم سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە 29-نويابىر سەيشەنبە كۈنىگە قەدەر خىتاي تاراتقۇلىرىدا ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.
دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئەھۋالنى بىلدۈرگەن موڭغۇل چارۋىچىلار، ۋەقەنىڭ 25-نويابىر يۈز بەرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە گۇماندار دەپ تۇتقۇن قىلىنغان 38 ياشلىق موڭغۇل چارۋىچى خورۇنچىغا، ئۇ ياللىنىپ پادىلىرىنى بېقىۋاتقان خىتاي خوجايىن ۋېي جيەنگو ۋە ئۇنىڭ ۋېي جيەنچى، ۋېي جيەنچېن، ئەن شاۋپىڭ قاتارلىق 3 تۇغقىنىنى ئۆلتۈردى دېگەن جىنايەت ئارتىلغانلىقىنى، موڭغۇل چارۋىچى خورۇنچىنىڭ خىتاي خوجايىننىڭ قويلىرىنى بېقىش جەريانىدا خوجايىن ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا، بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بولۇپمۇ قاتىللىق يۈز بەرگەن كۈنى خۇرۇنچى بىلەن خىتاي خوجايىن ۋېينىڭ يېقىنلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جېدەل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئەمما، شىلىنغۇل ئايمىقى ساقچى ئىدارىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ساقچى خادىمى خۇرۇنچۇ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 4 كىشىنىڭ 2 سى خىتاي، ئىككىسى موڭغۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقنى، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل پائالىيەتچى خادا ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى، ئۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىلىنغۇل يايلىقىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كان ئېچىش نامىدا موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ يايلاقلىرىنى ئىگىلىۋېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا يايلاققا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان خىتاي سودىگەرلەرنىڭ يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ قوي، كالىلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا تىرەك بولۇشى بىلەن يايلاقتا قوي فېرمىلىرى قۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ ئۇلارغا پادىچى بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن خادا، بۇ خىل ئامىللارنىڭ رايوندىكى يەرلىك موڭغۇلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئەنە شۇنداق پاجىئەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.