مۇدي گۇرۇھى خىتاينىڭ كرېدىت دەرىجىسىنى يەنە تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-05-27
Share

دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىقتىسادىي ئىناۋەت يەنى كرېدىت دەرىجىسىنى باھالاش گۇرۇھى مۇدي شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرنىڭ قەرزىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، خىتاي ئىقتىسادىغا بېرىلىدىغان ئىناۋەت نومۇرى يەنە تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇدي گۇرۇھىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار ئورگىنى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە قارىتىلغان كرېدىت دەرىجىسىنى بىر بالداق تۆۋەنلىتىپ A1 گە چۈشۈرگەن.

مەزكۇر ئورگان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر پارچە ئۇقتۇرۇشتا، بۇ خىل تۆۋەنلىتىشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچنىڭ يوقالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

چارشەنبە كۈنى مەزكۇر ئورگان خىتايدىكى شىركەت قەرز سوممىسى ئۆرلەپ، بۇنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلەش پوتېنسىئالىنى ئاستىلىتىشى مۇمكىنلىكى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە قارىتىلغان كرېدىت دەرىجىسىنى ئەسلىدىكى AA3 تىن A1 گە تۆۋەنلەتكەن.

خىتاي بۇنىڭ «نامۇۋاپىق ئۇسۇللار» بىلەن چىقىرىلغان قارا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مۇدي گۇرۇھىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار خىتايغا جاۋابەن ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى ئىسلاھات دېگەندەك ئۇنۇم بەرمىسە، خىتايغا بېرىلىدىغان كرېدىت دەرىجىسىنىڭ يەنە چۈشۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، مۇدي گۇرۇھىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل خادىم مارىيا دىرون خىتاينىڭ شىركەت قەرز سوممىسى يەنە ئۆرلىشىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ خىتايدىكى قەرز ئۆرلەش ئېقىمىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئورگاندىكى كرېدىت ئۆلچىمى بەلگىلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شيۇجۇنمۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ قەرزىنىڭ مۇدي گۇرۇھى كۈتكەندىنمۇ ئېغىر دەرىجىدە كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى، ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇنىڭ خىتايغا بېرىلىدىغان كرېدىت دەرىجىسىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

CNN نىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلىرى ئېغىر قەرزگە تايىنىپ، شەھەرلەرنى قۇرۇش، يوللارنى ياساش، سودا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشقان.

نەتىجىدە خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ قەرز سوممىسى ھەسسىلەپ ئارتىپ ماڭغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت