«موسكۋا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 18-نويابىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى سانكىت پېتېربۇرگدا ياشايدىغان ئارسلان گىبادۇلىن ئىسىملىك كىشى تور ئارقىلىق سېتىۋالغان The North Face ماركىلىق تەنتەربىيە ئايىغىنىڭ ئىچىدىن، ئاياغنىڭ ئىچكى قىسمىغا تىكىۋېتىلگەن بىر قىسقا خەتنى بايقىغان. خەتتە مۇنداق يېزىلغان: «ياردەم قىلىڭ، مەن خىتايدىكى تۈرمىدە، ئۇيغۇرغا ياردەم قىلىڭ».
«موسكۋا ۋاقتى گېزىتى» يەنە بۇ ۋەقەنىڭ دۇنيا مودا سانائىتىنىڭ خىتايدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى» گە چېتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، بۇ يىل ئىچىدە بايقالغان ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 180 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلەشمىسى ئىيۇلدا دوكلات ئېلان قىلىپ، يەرشارى مودا سانائىتىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى» گە شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى بۇ يىل مارتتا 82 دىن ئارتۇق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.