مالايشىيا دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى تايلاندنىڭ ساداۋ مۇساپىرلار مەركىزىدىن قېچىپ چىقىپ مالايشىياغا ئۆتۈپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن بىر كىشىنى تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيانىڭ تايلاند بىلەن چېگرىداش كېدا شتاتىنىڭ ساقچى باشلىقى ئاسرى يۇسۇف ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ساداۋ چېگراسىغا يېقىن جايدا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاسرى يۈسۈف فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا «30 ياشلاردىكى تۇتقۇن مالايشىيا-تايلاند چېگراسىغا يېقىن بۇكېت تاڭگا دېگەن يەرگە مېڭىپ كىرگەن.... ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشى، بىز ئۇنى تايلاندقا قايتۇرۇشقا ھەپىلىشىۋاتىمىز،» دېگەن.
تايلاندنىڭ مالايشىياغا چېگرىداش ساداۋ بازىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە 2-3 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 20 كىشى 20-نويابىر تاڭ سەھەردە قاچقان ئىدى. تايلاند ساقچى دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 5 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، لېكىن 15 كىشىنىڭ مالايشىيا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنى تايلاند ياكى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق تىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. تايلاند ھۆكۈمىتى 2013-ۋە2014-يىللىرى خىتاينىڭ سىياسىي بېسمىدىن قېچىپ تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە ماڭغان نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر قىسمىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. تايلاند ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
مالايشىيا ساقچى باشلىقى ئاسرى يۇسۇفىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرنى يەرلىك بىر بىر كىشى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويغان. ئاسرى يۇسۇف، ساقچى تەرەپنىڭ چېگرا بويىدا كۆزىتىشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە كوچا-كويلارغا قاچقۇنلارنىڭ رەسىمىنى تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.