ئېلانا بېيسىر: «نەچچە يۈزلىگەن مۇخبىرلارنىڭ تۇتۇلۇشى دۇنيادىكى يېڭى بىر ‹نورماللىق› قا ئايلاندى»

مۇخبىرىمىز سادا
2018.12.13

13-دېكابىر كۈنى «مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» تورىدا «نەچچە يۈزلىگەن مۇخبىرنىڭ تۇتۇلۇشى دۇنيادىكى يېڭى بىر ‹نورماللىق› قا ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك بىر مۇھاكىمە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ئېلانا بېيسىر ماقالىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن 251 دىن ئارتۇق ئاخبارات خادىمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلار سانىنىڭ بۇلتۇرقىدىن كۆپ ئىكەنلىكى، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ناچار تۇتقۇن قىلغۇچى دۆلەت، دەپ ئاتالغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە خىتاينىڭ مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزىدىنلا ئەڭ ئاز دېگەندە 10 دەك ئاخبارات خادىمىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرغا قەدەر ئەڭ دىققەتنى تارتىۋاتقىنى خىتاي فوتوگراف لۈ گۇاڭ بولغان. لۈ گۇاڭ بۇ يىل 11-ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىغا مەلۇم كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغاندىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ «تور مۇداپىئە تېمى» (防火墙) تېخنىكىسىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ھۆكۈمەتكە پايدىلىق بولغان بىر قانچىلا خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «تەستىقتىن ئۆتكەن» دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكىمۇ نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.